باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئۈستىدە توختالدى

ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، قانۇن ئىجرا قىلىشتا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىش ئۈچۈن پىلان تۈزۈلمەكتە

2018.07.20 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئىچىپ، سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇاڭ دېفۇ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇيغۇن كېلىدىغان سىياسەت سىستېمىسى، باھالاش سىستېمىسى، خىزمەت سىستېمىسى ۋە تەكشۈرۈش سىستېمىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش سىستېمىلارنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ «دۆلەت سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى (2018-2022)»نى تۈزمەكتە.

  گۇاڭ دېفۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەزنىڭ بۇ يىلقى 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش تەلىپى ئېنىق بەلگىلەنگەن، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى 2018- يىلىنى «يېزا ئىگىلىك سۈپەت يىلى» قىلىپ بېكىتىش قارارىغا كېلىپ، سەككىز چوڭ ھەرىكەتنى يولغا قويدى، ھەمدە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تىرەكلەر بىلەن تەمىنلىدى. ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا تارماقلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېزا ئىگىلىكى يېزا ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ باشلانمىسى ياخشى بولدى، يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇشتا ۋە يېشىل تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، سۈپەت، ماركا ۋە ئۈنۈم قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر پۇختا قەدەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، باشقا ھەر قايسى ساھەلەردىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  ئالدى بىلەن، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسى پۇختا تۇرغۇزۇلۇپ، يېشىللاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 302 تۈرلۈك دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە چارۋا دورىلىرىنىڭ قالدۇق قېلىش چېكىنىڭ ئۆلچىمى ۋە 125 تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ساھەسىنىڭ ئۆلچىمى يېڭىدىن تۈزۈپ چىقىلدى. يېشىل، ئورگانىك ۋە جۇغراپىيەلىك بەلگىسى بار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. نۆۋەتتە، ئىسپات بېرىپ تىزىملىتىلغان مەھسۇلاتلار 122 مىڭغا يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر