باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا داۋالىنىش سۇغۇرتا كىنىشكىسى تەننەرخ ھەققى قاتارلىق 29 تۈرلۈك ھەق ئېلىش بىكار قىلىندى

2018.07.20 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى IC كارتىسى تەننەرخ ھەققى، كادىرلار ئىشلىرى مۇناسىۋىتى ئارخىپ باشقۇرۇش ھەققى، كەسپىي تېخنىكا كۇرسىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش ھەققى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىر تۈركۈم مەمۇرىي ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى «تازىلاپ»، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 29 تۈرلۈك ھەق ئېلىش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كارخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتتى.

  19-ئىيۇل مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شەخسلەر ۋە كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىش تۈرلىرى، تىجارەت مۇلازىمەت ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى بىكار قىلىپ، ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ھەق ئېلىش تۈرلىرىدىن 29نى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ئومۇمىي ھەق ئېلىش تۈرلىرىنىڭ %10ى ئازايتىلغان.

  ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ھەق ئېلىش تۈرلىرى بولسا، ياردەمچى يېتەكچى تەربىيەلەش سىنىپى (950 يۈەن/ھەر ئادەم/ ھەر قارار)، كەسپىي تېخنىكا خادىمى تەربىيەلەش سىنىپى) 570 يۈەن/ھەر ئادەم/ھەر قارار(، ھەر دانىسى 70 يۈەنلىك بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى بەلگە تاختىسى ئېلىش، ھەر دانىسى ئۈچ يۈەنلىك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى IC كارتا تەننەرخى ھەققى... قاتارلىقلار.

  نۆۋەتتە، مەمۇرلارنىڭ «HSK» گۇۋاھنامە ئىسپاتىغا ئىمتىھان بېرىش، باشقا جايدا داۋالىنىشتا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ تامغىسىنى بېسىش، ئىجتىمائىي كاپالەت تەمىناتىنى ئېلىش، سالاھىيىتىنى مەركەزلىك ئىسپاتلاش قاتارلىق 11 تۈرلۈك ئىسپات رەسمىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ھەمدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىدىمۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى كونكرېت تەدبىرلەرنى بېكىتتى. مەسىلەن، ئۆزىنىڭ نوپۇسى ياكى باشقا رايوندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئىسپاتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، سىرتنىڭ نوپۇسىدىكى كىشىلەر بەلگىلىمە بويىچە شۇ جايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا بۇ خىل ئىسپاتنى تەمىنلەش تەلەپ قىلىنمايدۇ؛ سىرت جايدا داۋالىنىشتا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ تامغىسىنى باسقۇزۇش رەسمىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، بار بولغان ماتېرىياللارنى شۇ ئىسپاتنىڭ ئورنىغا دەسسەتسە بولىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا تىزىملىتىش كىنىشكىسىنىڭ قەرەللىك تەكشۈرۈش ۋە كىنىشكا ئالماشتۇرۇش تۈزۈمى بىكار قىلىندى. سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش __ سۇغۇرتا تارماقلىرى كۆپ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئالدىغا سىستېمىدىن سانلىق مەلۇماتلارنى چىقىرىپ، كارخانا سۇغۇرتىسىنى تىزىملىتىشنى تاماملاپ، كارخانىلارنىڭ تىزىملىتىش كەسپىنى بېجىرىشىگە ياردەملەشسە بولىدۇ. نۆۋەتتە، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىدا «بىر بېكەت شەكىللىك» ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى تىزىملىتىش كەسپىنى بېجىرگەن يېڭىدىن سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلار 20 مىڭغا يېقىنلاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر