باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2018.07.20 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئايدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغدى، چاڭجياڭ دەرياسىدا نومۇر قويۇلغان كەلكۈن ئاپەتلىرىدىن ئىككى قېتىم يۈز بەردى، جيالىڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى، فۇجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى ۋە توجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپەتلىرى يۈز بەردى، دادۇخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا ئېقىمىدىمۇ كەلكۈن ئاپەتلىرى يۈز بەردى، خۇاڭخې دەرياسىدىمۇ نومۇر قويۇلغان كەلكۈن ئاپىتىدىن بىر قېتىم يۈز بەردى، بىر قىسىم ئوتتۇرا ۋە كىچىك دەريا ئېقىنلىرىدا يەنە تېخى ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتكەن كەلكۈن ئاپەتلىرىمۇ يۈز بەردى. بۇ يىل 8- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭگودىكى 27 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) قاتارلىق رايونلار كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇنىڭدا 20 مىليون 530 ئادەم ۋە 1759 گېكتار زىرائەت ئاپەتكە ئۇچرىدى، ئاپەت تۈپەيلىدىن 54 ئادەم قازا قىلدى، سەككىز ئادەم يوقاپ كەتتى، 23 مىڭ ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان تەخمىنەن 51 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ نۆۋەتتىكى كەلكۈن ئەھۋالىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھەمدە مۇھىم يوليورۇق بەردى: يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، سىچۈەن، شەنشى ۋە گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم دەريا-ئېقىنلاردا سۇ ئورنى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن ئېشىپ كەتكەن، بەزى جايلاردا كەلكۈن ئاپىتى ئېغىر بولغان، بەزى جايلاردا تاغ گەۋدىسى يانتۇلۇقتىن سىيرىلىپ چۈشۈش دېگەندەك گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەر يۈز بەرگەن، بۇلار ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈكلەر زىيىنى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى بۇ پەسىل دەل كەلكۈن ۋە تەيفېڭ بورىنى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل، ئالاقىدار رايونلاردىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەتەردىن ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تالاپەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنىمۇ ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لايىھە تەدبىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاپەت ئەھۋالىنىڭ تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت، كەلكۈن بېسىش ۋە گېئولوگىيە ئاپىتى قاتارلىقلارنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ھالقىلىق يوشۇرۇن رايونلارغا زىچ كۆز-قۇلاق بولۇپ، تورلاشقان شەكلىدە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك ئاپەت ۋە ئىككىلەمچى ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش-قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچى ۋە بايلىقىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، يەرلىكلەرنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر