باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ جۇڭگو-سېنېگال مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى

2018.07.23 16:44   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21- ئىيۇل داكاردا سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو-سېنېگال مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىياتلارغا يۈكسەك باھا بېرىپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو-سېنېگال مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن سېنېگال ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قىزغىن قارشى ئالغانلىقى ۋە كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، بۇ جۇڭگو-سېنېگال دوستلۇقىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، دەپ قارىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2016-يىلى، مەن ۋە زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى بېكىتكەن ئىدۇق. ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو- سېنېگال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىشىپ، سىياسى جەھەتتىكى ئۆز ئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ھەقىقىي بولدى. جۇڭگو تەرەپ سېنېگال تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ۋە ھەمكارلىقىنى يىڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ جۇڭگو- سېنېگال مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە مۇئامىلە قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىمەن. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللىشى لازىم. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ ۋە سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سېنېگالنىڭ جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىغان تۇنجى غەربىي ئافرىقا دۆلىتى بولغانلىقىنى قارشى ئالىمىز. بىز بۇنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو-سېنېگال ھەمكارلىقىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  جۇڭگو تەرەپ «تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش» ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، سېنېگال بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سېنېگال تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىنى خالايدۇ. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش لازىم. قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تەرەپ سېنېگال تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، تىنچلىقنى ساقلاش، مۇقىملىقنى ساقلاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سېنېگال تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، سېنېگال تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىزمىتى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق زور خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلار سانى 37 مىليون 790 مىڭ كىشىگە يەتتى
    ·ئېلىمىز پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكس…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى سودىسى قىلىش، ۋاكالىتەن يېزىپ ب…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلىلەرنىڭ «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەپ بىر تەرەپ قىلىدۇ
    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپى دۇنيا قۇرۇلۇش مائارىپى «بىرىنچى سەپ» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىدىن…
    ·شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
    ·بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئىسپات…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئەسكەرلىك بويىچە نىشانلىق تەربىيەلەشكە 320 كىشى قوبۇل قىلىدۇ 
    ·بېيجىڭدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى قاراقاشتىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلدى