باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن بىرلىكتە سېنېگالنىڭ چېلىشىش مۇسابىقە مەيدانى تۈرىنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2018.07.23 17:01   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن بىرلىكتە سېنېگالنىڭ چېلىشىش مۇسابىقە مەيدانى تۈرىنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ئىيۇل داكاردا، سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن بىرلىكتە سېنېگالنىڭ چېلىشىش مۇسابىقە مەيدانى تۈرىنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مۇراسىمدا، شى جىنپىڭ سالغا بۇ تۈرنىڭ «ئالتۇن ئاچقۇچى»نى تاپشۇرۇپ بەردى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەر-ئايال بىرلىكتە سېنېگالنىڭ ئەنئەنىۋى ماھارەت مۇسابىقىسى بولغان چېلىشىش نومۇرىنى كۆردى. نومۇر ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبىرى ۋە بىرىنچى خانىمى ئالدىغا چىقىپ، تەنھەرىكەتچىلەرگە قاراپ قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چېلىشىش مۇسابىقە مەيدانى تۈرى بولسا جۇڭگو-سېنېگال خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. سېنېگال مەدەنىيەتلىك دۆلەت، جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىشتا سېنېگال بىلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سال مۇنداق بىلدۈردى: چېلىشىش سېنېگال خەلقى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈدىغان تەنتەربىيە تۈرى بولۇپ، «دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت جەۋھىرى» دېگەن نامى بار. مەن جۇڭگونىڭ سېنېگال خەلقىگە زامانىۋى، كۆپ ئىقتىدارلىق چېلىشىش مۇسابىقە مەيدانى قۇرۇپ بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ چېلىشىش مۇسابىقە مەيدانى جۇڭگو-سېنېگال دوستلۇقىنىڭ يېڭى بەلگىسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·22-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2-قېتىملىق ئارزۇ…
    ·ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلار سانى 37 مىليون 790 مىڭ كىشىگە يەتتى
    ·ئېلىمىز پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكس…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى سودىسى قىلىش، ۋاكالىتەن يېزىپ ب…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلىلەرنىڭ «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەپ بىر تەرەپ قىلىدۇ
    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپى دۇنيا قۇرۇلۇش مائارىپى «بىرىنچى سەپ» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىدىن…
    ·شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
    ·بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئىسپات…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئەسكەرلىك بويىچە نىشانلىق تەربىيەلەشكە 320 كىشى قوبۇل قىلىدۇ