باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قوشۇمچە زۇڭلىسى مۇھەممەد ۋە ئەبۇزەبىنىڭ تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشنى بىردەك قارار قىلدى

2018.07.23 15:01   مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قوشۇمچە زۇڭلىسى مۇھەممەد ۋە ئەبۇزەبىنىڭ تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ئىيۇل ئەبۇزەبىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قوشۇمچە زۇڭلىسى مۇھەممەد ۋە ئەبۇزەبىنىڭ تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى، ھەر قايسى ساھەلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا داۋاملىق تەرەققىي قىلىشى قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇشنى بىردەك قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كاتتا ۋە قىزغىن كۈتۈۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتىپ، بۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستلۇق ھېسسىياتىنى ۋە جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلغانلىق، دەپ كۆرسەتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2015- يىلى 12 ـ ئايدا، مەن تەخت ۋارىسى ئالىيلىرى بىلەن بېيجىڭدا ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقى توغرىلىق نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، تېز ۋە چوڭقۇر ھالدىكى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشىگە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلدۇق. جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى كەڭ، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە ئىككى دۆلەت جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى رەسمىي ئورنىتىمىز. بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈشنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە پايدىلىق. مەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا ئۆگىنىدىغان، بىر-بىرىنى ئۆز ئارا ئەينەك قىلىدىغان ۋە بىر-بىرىگە ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى دوست ۋە ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغانلىقى ۋە گۈللىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ خەلىپەگە سەمىمىي سالام يوللاپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشەنچىلىرىنى چىڭىتىشىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتلىرىگە ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىللىرىگە داۋاملىق تۈردە ئەھمىيەت بېرىشىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللىشى كېرەك. بىز ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشتا تەبىئىي شەكىللەنگەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىكى ھەمراھلاردىنمىز، بىز جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تايىنىش نۇقتىسى ھېسابلىنىغان دۆلەتتۇر، دەپ قارايمىز. تەخت ۋارىسى ئالىيلىرى ئوتتۇرىغا قويغان «يىپەك يولىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش»تىكى تەسەۋۋۇرغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ ۋە كەسىپ سىياسىتى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشتىكى باشلامچى تۈرلەرنى ياخشى پىلانلاپ ۋە ياخشى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئوتتۇرا شەرق پارس قولتۇقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن كۆپ تەرەپلىك ۋە ئىسترولۇق ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى قېلىپىنى بەرپا قىلىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى قېلىپىنى بەرپا قىلىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. بىز بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بارلىق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز لازىم. ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان دىن ۋە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرگە كەڭ قورساق بولۇش ۋە ئۆز ئارا ئەينەك قىلىشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بىز جۇڭگو تەرەپ تەخت ۋارىسى ئالىيلىرى تەشەببۇس قىلغان «ياشلار ئەلچىسى»نىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش تۈرىنى ياخشى يولغا قويۇشىنى قوللايمىز؛ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ قوشۇمچە زۇڭلى ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭگونى قۇچاقلاش» پىلانىغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز؛ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، دۇبەي دۇنيا كۆرگەزمىسىنى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر نۆۋەتلىك كاتتا مەرىكە قىلىپ بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى خالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·22-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2-قېتىملىق ئارزۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق مېيىپلارنىڭ كەسپىي تەربىيەنى قۇبۇل قىلىش پۇرسىتىنى ئۈزلۈكس…
    ·ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلار سانى 37 مىليون 790 مىڭ كىشىگە يەتتى
    ·ئېلىمىز پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكس…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى سودىسى قىلىش، ۋاكالىتەن يېزىپ ب…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلىلەرنىڭ «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەپ بىر تەرەپ قىلىدۇ
    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپى دۇنيا قۇرۇلۇش مائارىپى «بىرىنچى سەپ» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىدىن…
    ·شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
    ·بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئىسپات…