باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشكە قوبۇل قىلىدۇ

2018.07.20 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئاق چاچلىقلار لېكسىيە سۆزلەش پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، جەمئىيەتتىن بىر تۈركۈم پېنسىيەگە چىققان مۇنەۋۋەر مەكتەپ مۇدىرلىرى، مائارىپ تەتقىقاتچىلىرى، ئـالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار، ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار قاتارلىقلارنى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشكە ئاشكارا قوبۇل قىلىپ، پېنسىيەگە چىققان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  لايىھەگە ئاساسەن، دۆلىتىمىزدە 2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە لېكسىيە ئوقۇتقۇچىسىدىن 10 مىڭى قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەسلىي خىزمەت ئورنىغا قايتا تەكلىپ قىلىنغان پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى ئاق چاچلىقلار لېكسىيە سۆزلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ. لېكسىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇلازىمەت ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن بىر ئوقۇش يىلىدىن ئاز بولمايدۇ، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغانلارنىڭ ئۇدا لېكسىيە سۆزلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

  لايىھەدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قۇبۇل قىلىنغان لېكسىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىغا ئاساسەن، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئاساس قىلغان لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياردەم بېرىلگەن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش- ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن دەرس ئاڭلاش، دەرس باھالاش، ئوچۇق دەرس تەسىس قىلىش، مۇھاكىمە دەرسى ياكى مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەپ، ياش ئوقۇتقۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، مەكتەپكە ياردەملىشىپ ئوقۇتۇش باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر