خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24-چېسلا پىرېتورىيەدە جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبىرى جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۇقىرى باھا بەردى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى؛ يۇقىرى قاتلام ئالاقىنى كۈچەيتىش، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىيات ئستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنى جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلدۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ رامافوسانىڭ جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى ماختىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا مۇھىم تەسىرگە ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلىتى. ئىككى دۆلەت دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئېغىر كۈنلەردىمۇ، بەخت -سائادەتتىمۇ باشتىن - ئاخىر بىللە بولۇشتا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، سەمىمىي دوستلۇق ئورنىتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، «يولداش ھەم قېرىنداش»تەك يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلدى. جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە، ئۇنىڭدىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە ئايلىنىشتەك زور ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بۇ يىللىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ يوھانسبۇرگ ئۇچرىشىشى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشىنى ئۆزئارا قوللاپ ۋە ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ مول نەتىجە يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، جۇڭگو–جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. مەن جۇڭگو–جەنۇبىي ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بېرىشنى خالايمەن:
بىرىنچى، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى ئۆزئارا قوللاپ، بىر–بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ–چوڭ مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ ۋە قوللاپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو–جەنۇبىي ئافرىقا پارتىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
ئىككىنچى، ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يېڭى ئىقتىسادىي ساھە ۋە گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 4–قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى ئېلىپ كەلگەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىمىز كېرەك. جۇڭگو ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سودا سېلىنمىسى، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ.
ئۈچىنچى، ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسى رىشتىسىنى چىڭىتىپ، ھەمكارلىشىش داۋامىدا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ خادىملارنىڭ بېرىش–كېلىشىگە قولايلىق يارىتىش، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلاردا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشىنى بالدۇرراق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ئېچىشنى، ساياھەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
تۆتىنچى، ئىككى تەرەپ بىخەتەرلىك قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن بىللە قانۇن ئىجراسى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
بەشىنچى، ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، كىلىمات ئۆزگىرىشىدىكى «ئۇل تۆت دۆلەت» قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئورتاق قوغداپ، بىر تەرەپلىمىلىككە، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى