باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

7-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى باشلاندى

2018.07.25 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، 7-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى ۋە 5-نۆۋەتلىك «ياشلىق باھارى بەرپا قىلىش» جۇڭگۇ ياشلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ رايونى تاللاش مۇسابىقىسى، 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ تېلېگرافى «demo day» پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرى مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ش ئۇ ئا ر ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى قاتارلىق 11 ئورۇن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە تىزىمغا ئالدۇرۇش 7-ئاينىڭ بېشىدا رەسمىي باشلانغان. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كارخانا ۋە ئۆمەكلەر شۇ يەردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئىتتىپاق كومىتېتىدىن مەسلىھەت سوراپ تىزىملاتسا ياكى بىۋاسىتە شىنجاڭ ياشلار تەرەققىيات مەركىزى نەق مەيدانىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. مۇسابىقە ۋاقتى تۆت ئاي (7-ئايدىن 10-ئايغىچە)، ئومۇمەن شىنجاڭدا ئىگىلىك تىكلىگەن ياكى مۇئەييەن ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى بار، ئىگىلىك تىكلەش مۇمكىنچىلىكى بولغان تۈرلەرگە ئىگە، 45 ياشتىن تۆۋەن، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار بولغان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر بىردەك مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ. مۇسابىقىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن بىرى، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئىككىسى، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئۈچى، غەلىبە مۇكاپاتىدىن ئالتىسى تەسىس قىلىنغان. 1-دەرىجىلىك مۇكاپات 100 مىڭ يۈەن؛ 2-دەرىجىلىك مۇكاپات 60 مىڭ يۈەن؛ 3-دەرىجىلىك مۇكاپات 30 مىڭ يۈەن؛ غەلىبە مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەن. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلار ۋە مۇنەۋۋەر تۈرلەر ئىقتىدار-دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تەۋەككۈل سېلىنما، بانكىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى، مەبلەغ ياردىمى، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى ۋە باغچە رايونىدا يېتىشتۈرۈش، شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىدە ۋىۋىسكا ئېسىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يېشىل يولى، كەسىپنى جىپسىلاشتۇرۇش، ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ.

  7-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىغا تىزىملىتىش ماتېرىيالىنى چۈشۈرمەكچى ياكى پۈتۈن مۇساپىلىك خەۋەرگە دىققەت قىلماقچى بولسىڭىز، شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تورى تور بېكىتىگە چىقسىڭىز بولىدۇ (www.xjgqt.cn)، ماھىرلار مۇسابىقە ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى «شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات مەركىزى» (新疆青少年发展中心) ۋە «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش» (共青团助就业)گە ئەگىشىش ئارقىلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتسا ۋە مۇسابىقە ئەھۋالىنى كۆرسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر