خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 23-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پىرېتورىيەگە يېتىپ بېرىپ، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.
شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 8 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان پىرېتورىيەدىكى ۋاتېركلۇف ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا قوندى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن جەنۇبىي ئافرىقا دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىسۇلۇ قاتارلىقلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. جەنۇبىي ئافرىقىلىق ئۆسمۈرلەر پېڭ لىيۈەنگە گۈل تەقدىم قىلدى. رەتلىك كىيىنگەن ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئېھتىرام بىلەن تۇرۇپ، ئەزىز مېھمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى.
شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ۋە چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋەتتىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتكىچە، ھەتتا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتكىچە بولغان زور ھالقىشلارنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى مول بولدى ۋە كۆپ خىللاشتى، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، زۇڭتۇڭ رامافۇسا بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ۋە ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارالىق مەسىلىلەر ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو–جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى جوھاننىسبۇرگتا ئۇچرىشىدۇ. مەن باشقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەم باشقا گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە، ھەمكارلىق ۋە تەرەققىياتتىكى ئۇلۇغۋار پىلانلار ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى