خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى ۋە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى» باش تېمىسىدىكى «ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش بىلەن بىللە ئىلگىرىلەش» يۈرۈشلۈك ئاقىللار ئامبىرى مۇنبىرىنىڭ ئىككىنچى مەيدانى بېيجىڭدا باشلاندى. 2018-يىلى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى بولۇپ، «ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش بىلەن بىللە ئىلگىرىلەش» يۈرۈشلۈك ئاقىللار ئامبىرى مۇنبىرىنى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت يۇقىرى تېخنىكىلىق ئاقىللار ئامبىرى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن تەتقىقات ئىدارىسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى ئۈستىگە ئالغان، شىنخۇا تورى تەپەككۇر قانىلى، ئىجتىمائىي پەن ھۆججەت نەشرىياتى ھەمكارلاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى