باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې بىلەن سۆھبەتلەشتى

2018.07.24 16:12   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23- ئىيۇل كىگالىدا رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-رىۋاندا دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيانقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، جۇڭگو بىلەن رىۋاندانىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسىنى ئورتاق پىلانلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو-رىۋاندا خەلقى، جۇڭگو - ئافرىقا خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇلتۇر 3-ئايدا، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە دوستلۇق، ھەمكارلىقى توغرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو- رىۋاندا مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش يولىغا قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. جۇڭگو تەرەپ رىۋاندا تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق بىرلىكتە يېزىپ چىقىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-رىۋاندا ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە قاراپ، قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى قەتئىي قوللاپ، بىر بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ رىۋاندا تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ رىۋانداغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، رىۋاندانىڭ سانائەتلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىجتىمائىي ئالاقە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەل ئارا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشى ئۈچۈن پۇختا ئىجتىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى مۇھىم قارالمىلاردا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·22-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2-قېتىملىق ئارزۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق مېيىپلارنىڭ كەسپىي تەربىيەنى قۇبۇل قىلىش پۇرسىتىنى ئۈزلۈكس…
    ·ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلار سانى 37 مىليون 790 مىڭ كىشىگە يەتتى
    ·ئېلىمىز پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكس…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى سودىسى قىلىش، ۋاكالىتەن يېزىپ ب…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلىلەرنىڭ «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەپ بىر تەرەپ قىلىدۇ
    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپى دۇنيا قۇرۇلۇش مائارىپى «بىرىنچى سەپ» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىدىن…
    ·شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
    ·بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئىسپات…