باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەندۇڭ ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى، چاڭچۈن شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە «چاڭشېڭ ۋاكسىنىسى» ۋەقەسىگە ئارىلاشتى

2018.07.25 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24- ئىيۇل ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، شەندۇڭ ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى، چاڭچۈن شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە «چاڭشېڭ ۋاكسىنىسى» ۋەقەسىگە ئارىلاشقان.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، جىلىن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە چاڭچۈن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى قانۇن بويىچە مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، «چاڭشېڭ ۋاكسىنىسى» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى. نۆۋەتتە، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى ئالدىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تەھقىقلىشىگە ئارىلىشىپ، تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىشنى باشلاپ، ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلىدى؛ «چاڭشېڭ ۋاكسىنىسى»نىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزۈش ئەھۋالى ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. تەپتىش ئورگانلىرى گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا پائال ماسلىشىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەيدۇ.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 7- ئاينىڭ 24-كۈنى چاڭچۈن چاڭشېڭ جانلىقلار پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كۆك يۆتەل، بوغما ۋە قاتما ۋاكسىنىسىنىڭ جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ھەمدە گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا پائال ماسلىشىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەشنى قارار قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر