خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24- ئىيۇل، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا بىلەن بىرلىكتە پرېتورىيەدە جۇڭگو- جەنۇبىي ئافرىقا ئالىملىرى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە رامافوسا بىرلىكتە باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ نەق مەيدانىغا قەدەم قويدى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەزەلدىن بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى. 2015-يىلى 12-ئايدا، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بىز خۇشال ھالدا شۇنى كۆردۇقكى، باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلەر ھۆججىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەن تەتقىقات ھەمكارلىق تۈرلىرى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىمۇ پائال ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى تېخنىكا ھەمكارلىقىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ساھەلىرى، كەسىپ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا نۇرغۇن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا ئالىملىرى پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدە ھاسىل قىلغان بۆسۈش دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشىدىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل 9-ئايدا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىدۇ. جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا، جۇڭگو-ئافرىقا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى يېڭى مۇھىم پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ. بىز بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېڭى سەھنىنى پائال ھازىرلاپ، ئالاقە- ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياش ئالىملارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، يەر شارى يېڭىلىق يارىتىش تورىغا پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىپ كىرىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنىڭ دۇنيا پەن- تېخنىكىسنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا يېتىشىۋېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىرىشىپ قەدەم قويۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا پەن- تېخنىكا ساھەسى، كەسپىي ساھەدىكى ۋەكىللەرنىڭ جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدۇرۇپ، پائال يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، نىشانىمىز چوقۇم ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى