باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەشيا تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق تېخنىكىلار ھەر قايسى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەلەردە قوللىنىلدى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

2018.07.24 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4000 كىۋادرات مېتىرلىق خىزمەت بىناسىدا 3 مىليارد يۈەنلىك سودا سوممىسى يارىتىش، مەھسۇلات قىممىتىنى 800 مىليون يۈەنگە، تاپشۇرغان باج سوممىسىنى 32 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، كەسىپ دائىرىسىنى ياۋروپادىكى كۆپ دۆلەتلەرگە كېڭەيتىش... 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى «جىجىڭ» ئېلېكتىرونلۇق سودىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش مەركىزىدە، مۇخبىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋەكىللىكىدىكى رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلدى.

  بۇ رايونغا ماكانلاشقان «يېلىنماۋ» چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ دۇڭلياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ شىركەت شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش مۇھىم پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بەرپا قىلغان، ھازىر رويخەتكە ئالدۇرغان ئېكسپورت تاۋارلىرى بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى 7000دىن ئاشقان، مەھسۇلاتلار كىيىم- كېچەك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە كىچىك ماشىنا-ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇلتۇر تور سودا سوممىسى 50 مىليون دوللاردىن ئېشىپ، يىللىق ئېشىش سۈرئىتى تەخمىنەن %30كە يەتكەن. جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغانلىقىدەك پايدىلىق شارائىتنىڭ ياردىمىدە، بۇ شىركەت يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى دۆلەت ئىچىدە سېتىپ، سودىنى راۋانلاشتۇرغان.

  جاۋ دۇڭلياڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز بۇ يىل يىپەك يولى ئۆتەڭ تۈرىنى يولغا قويۇپ، 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قازاقىستان، پولشا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىسكىلاتتىن يەتتىنى قۇرۇشنى پىلانلىدى. ئېكسپورت كارخانىلىرى مالنى ئاۋۋال چەت ئەلدىكى ئىسكىلاتلارغا تۈركۈملەپ ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئالاقە تورى سودىسىغا ئاساسەن، مەھسۇلاتنى شۇ جايدا سېتىش ۋە خېرىدارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئورۇندايدۇ.

  چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. ھازىر ئەشيا تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق تېخنىكىلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە قوللىنىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى.

  مۆلچەرى ھېسابلاشقا قارىغاندا، 2017- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمى تەخمىنەن 250 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %22.9 بولۇپ، 2016-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %15 ئېشىپ، GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 7.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %15.2كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر