خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22- ئىيۇل كىگالىغا يېتىپ بېرىپ، رىۋاندا جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.
شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 8 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان كىگالى خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىققاندا، رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې ۋە رەپىقىسى جانېت قاتارلىقلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. پارات كىيىملىرىنى كىيگەن ھۆرمەت قاراۋۇللىرى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئەزىز مېھمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى. رىۋاندالىق ئۆسمۈرلەر شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەنگە گۈل تەقدىم قىلدى. كاگامې شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەنگە رىۋاندانىڭ قارشى ئېلىشقا چىققان باشقا خادىملىرىنى تونۇشتۇردى. چىرايلىق مىللىيچە كىيىنگەن يەرلىك ئامما ئافرىقا دۇمبىقىنى چېلىپ، شوخ قارشى ئېلىش ئۇسسۇلى ئويناپ، جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى سەمىمىي ۋە دوستانە پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ رىۋاندا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىم جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ رىۋاندادا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. مەن رىۋاندا تۇپرىقىغا قەدەم قويۇپلا، رىۋاندا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستلۇق مېھرىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. جۇڭگو بىلەن رىۋاندانىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ئىگە، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئىنتايىن چوڭقۇر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ سەمىمىي ۋە دوستانە بولۇش ھەمدە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇردى، جۇڭگو–رىۋاندا مۇناسىۋىتى باشتىن–ئاخىر ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلدى. بۇلتۇر 3– ئايدا كاگامې زۇڭتۇڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، بىز جۇڭگو–رىۋاندا مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇق، ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشلىرىمىز ئومۇميۈزلۈك ۋە ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو–رىۋاندا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. كاگامې زۇڭتۇڭ يەنە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولدى، مەن كاگامې زۇڭتۇڭ بىلەن يېڭى دەۋردە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىقى، شۇنداقلا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ مول نەتىجىلەر ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىگە جەزمەن بەخت يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى