باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ مەنبەلەشكەن ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا 55 مىڭ 440 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى

2018.07.24 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى بۇ يىل پۈتكۈزگەنلەردىن 55 مىڭ 440ى ئىشقا ئورۇنلاشقان، تۇنجى قېتىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلار %61.79كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئومۇمىي ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تەخمىنەن %70ىنى ئىگىلىگەن.

  2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر ئومۇمىي سانى 90 مىڭغا يېقىن بولۇپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسى ناھايىتى مۈشكۈل بولدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كۆپ مەنبەلەشكەن ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋىيەسىنىڭ مۇقىم ئاساستا ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز بەش چوڭ ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دەل جايىدا ياردەم بېرىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلەش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى، ئىلھاملاندۇردى. ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي قاتلامدا ئىختىساسلىقلار راۋان يۆتكىلىش مېخانىزمىنى ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى شەھەر- يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام، جاپالىق، چەت-يىراق رايونلار، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈردى. «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى قاتارلىق ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش تۈرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ياخشى يولغا قويۇپ، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ساپاسى يۇقىرى، ئىستىلى پۇختا ئاساسىي قاتلام ياش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر