جىلى ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باۋجى ياسىمىچىلىق بازىسىدىكى ئاپتوموبىلنى ئومۇمىي قۇراشتۇرۇش لىنىيەسى (2016- يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەت، ئېچىۋېتىش قاتارلىق ھالقىلىق سۆزلەرنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى مۇكەممەل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، «دۇنيا زاۋۇتى» دېگەن نامدىن تەدرىجىي قۇتۇلدى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، چوقۇم تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، دۇنيا قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا- يۇقىرى قاتلىمىغا ئىلگىرىلەش زۆرۈر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى