باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق مېيىپلارنىڭ كەسپىي تەربىيەنى قۇبۇل قىلىش پۇرسىتىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىشىنى تەلەپ قىلدى

2018.07.23 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە «مېيىپلار كەسپىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئوتتۇرا كەسپىي مائارىپنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مېيىپلارنىڭ كەسپىي تەربىيەنى قۇبۇل قىلىش پۇرسىتىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش كېرەك، ھەر بىر ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر چوقۇم كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئۆلكىگە يۈزلەنگەن ھالدا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىغان مېيىپلار ئوتتۇرا كەسپىي مەكتىپىدىن ئاز دېگەندە بىرنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار مېيىپلارنىڭ مۇۋاپىق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك، مېيىپلارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كەسپىي مەكتەپلەر چوقۇم سىنىپتا ئوقۇتۇش، مەخسۇس سىنىپقا ئايرىپ ئوقۇتۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىشى كېرەك، ھەر قانداق باھانە سەۋەب كۆرسىتىپ، بەلگىلىمىدىكى قۇبۇل قىلىش ئۈلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ھازىرقى مېيىپلار كەسپىي مەكتەپلىرىگە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا مېيىپلارنىڭ ئۆگىنىشىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان كەسىپلەرنى ئېچىپ، ئەقلىي ئىقتىدارى جەھەتتىكى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا ۋە كۆپ خىل مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن كەسىپلەر ياكى كەسىپ يۆنىلىشلىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ ۋە ئۇلارنى تەسىس قىلىپ، مېيىپلار ئوقۇيدىغان كەسىپلەرنىڭ تاللاش پۇرسىتىنى كېڭەيتىپ، مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشىنى تەڭ قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر