باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قۇرۇلۇش، بوغالتىرلىق قاتارلىق ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدا پىكىر ئالىدۇ

2018.07.24 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 23-ئىيۇل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن 2-پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، قۇرۇلۇش، بوغالتىرلىق، ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىسى، تەنتەربىيە تىرېنېرى، خەلق ئاۋىياتسىيە ئۇچۇش تېخنىكا خادىمى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئۇنۋان تۈزۈم ئىسلاھاتىغا قارىتا، يېقىندا جەمئىيەتتىن پىكىر ئالىدۇ.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لۇ ئەيخوڭ 2018-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە كېيىنكى قەدەملىك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تونۇشتۇردى. بىر تەرەپتىن، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مەركەزنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تۈركۈملەرگە بۆلۈپ ئىلگىرى سۈرۈش يېتەكچى پىكرى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئالاقىدار يۈرۈشلۈك ھۆججەتلەر تەتقىق قىلىنىپ بېكىتىلگەن. قۇرۇلۇش، بوغالتىرلىق، ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىسى قاتارلىقلارنىڭ يۈرۈشلۈك ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا قارىتا، يېقىندا جەمئىيەتتىن پىكىر ئېلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. تېخنىك ئىشچىلارنىڭ مائاش تەمىناتىنى ئۆستۈرىدىغان تەدبىر-سىياسەتلەر تۈزۈپ يولغا قويۇلۇپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ-كارخانا ھەمكارلىقى، ئوقۇغۇچىلار ياردەم مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلگەن. 46-نۆۋەتلىك دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 45-نۆۋەتلىك دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە تاللاش مۇسابىقىسى قانات يايدۇرۇلۇپ، دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ ۋاقىتلىق نىزامىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تېخنىك ئىشچىلارنىڭ مائاش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇلى خۇلاسىلىنىپ ئىلگىرى سۈرۈلىدىغانلىقى؛ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى؛ كەسپىي ماھارەت دەرىجىسى تۈزۈمى قاتارلىق يانداش ھۆججەتلەر تۈزۈلىدىغانلىقى؛ تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە ئائىت سىياسەت-تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر