باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى تەسىس قىلدى

2018.07.23 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەمدە داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا، دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى تەسىس قىلدى.مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇل بولىدىغان ۋەزىپىلىرى تۆۋەندىكىچە: داۋالىنىشقا كاپالەتلىك قىلىپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە قارىتىلغان ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەتقىق قىلىش، داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىپ نامراتلارنى يۆلەشكە لازىملىق مۇھىم سىياسەتلىرىنى تۈزۈش، نۇقتىلىق ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش، ئىدارە قارمىقىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە جايلارنىڭ داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش تارماقلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھەمدە ئىدارە ئورگانلارنىڭ نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلار. ئىدارە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باشلىقى يولداش خۇ جىڭلىن نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولدى. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ قارمىقىدا يەنە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەسىس قىلىنىپ، كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدىغان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر