باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئۈچىنچى پەسىلدە مەركەزنىڭ تەڭشەش مەبلىغىدىن پۇل ئاجرىتىپ، كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ

2018.07.24 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئىتى، كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. 23-چېسلا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ ئەيخۇڭ 2018-يىللىق 2-پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىر يۈرۈش سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە 14 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كېڭىشى بىلەن ھاۋالىلىك مەبلەغ سېلىش توختامى ئىمزالىغان. توختامنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي قىممىتى 585 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 371 مىليارد 650 مىليون يۈەن مەبلەغ ھېساباتقا كىرگەن ۋە مەبلەغ سېلىش باشلانغان، قالغان مەبلەغ توختامدىكى كېلىشىم بويىچە يىلىغا ۋە تۈركۈمگە بۆلۈپ ھېساباتقا كىرگۈزۈلىدىكەن. 2017-يىللىق مەبلەغ سېلىش پايدا نىسبىتى %5.23 بولغان.

  7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ئۇ، ئېلىمىزنىڭ رايونلار ئارا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى تەڭشەش، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنىڭ تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىسلاھات بولۇش سۈپىتى بىلەن، بازارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. بۇنىڭغا قارىتا، لۇ ئەيخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا، گوۋۇيۈەن «كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشنىڭ ئاساسى بولسا، ئىجتىمائىي ئومۇمىي يۈكنى كۆپەيتمەسلىك، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرمەسلىك، شەخسىي تەمىناتقا تەسىر يەتكۈزمەسلىكتىن ئىبارەت.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى يۇقىرىدىن ئاجرىتىلغان مەبلەغ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەركەز بىر تۇتاش تەڭشەپ ئىشلىتىدۇ، كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە نىسبەتتە ئاجرىتىپ بېرىش ئۇسۇلى بويىچە پۈتۈنلەي ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە چۈشۈرۈپ بېرىلىپ، رايونلار ئارا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى مۇۋاپىق تەڭشىلىپ، رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى فوند يۈكى مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ بىر پۈتۈن خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مەركەزنىڭ مالىيە قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى ۋە تولۇقلىما بېرىش ئۇسۇلى ئۆزگەرمەيدۇ ھەمدە مالىيەدىن بېرىلىدىغان تولۇقلىما ياردەم پۇلنىڭ سالمىقى داۋاملىق ئاشۇرۇلىدۇ.

  لۇ ئەيخۇڭ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ تەڭشەش فوندى پەسىل بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپى بويىچە، ھازىر مىنىستىرلىقىمىز ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزمەكتە، پات ئارىدا ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلىدۇ، ئۈچىنچى پەسىللىك ئىش باشلاش مەبلىغىنى ئاجرىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر