باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى چەكتە قىلغان بېسىمى جۇڭگوغا كار قىلمايدۇ، دېدى

2018.07.27 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ يېقىندا دۆلىتىمىزدىن 500 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق تاۋار قوشۇلما بېجى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ پوپوزا قىلغانلىقىغا قارىتا، سودا مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ 26-ئىيۇل مۇنداق بىلدۈردى: بۇ خىل تىپىك يۇقىرى چەكتە بېسىم قىلىش ۋە قاقتى-سوقتى قىلىش ئۇسۇلىنىڭ جۇڭگوغا نىسبەتەن ھېچقانداق رولى يوق، جۇڭگو تەرەپ دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  گاۋ فېڭ شۇ كۈنى ئېچىلغان سودا مىنىستىرلىقىمىزنىڭ قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرىگە دىققەت قىلىۋاتىمىز، ئامېرىكا دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىي كۈنتەرتىپىنىلا ئويلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش مۇساپىسىدىكى ئاسان قولغا كەلمىگەن مۇھىت، دۇنيا ئىقتىساد زەنجىرىدىكى كارخانىلار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش بىلەن كارى بولماي، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە سودا سۈركىلىشى پەيدا قىلدى ۋە سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇردى، بۇ خىل ئەقەللىي بولمىغان گەپ-سۆزلەر ناھايىتى مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر.

  گاۋ فېڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئۆزىنىڭ سودا ئۇرۇشى قىلغۇسى يوقلىقىنى، لېكىن سودا ئۇرۇشى قىلىشتىنمۇ قورقمايدىغانلىقىنى ھەمدە دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيادىكى ھەرقايسى سودا ھەمراھلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا پىرىنسىپى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام مۇقىم يۈرگۈزۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر