باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكا تەرەپنى دۆلەت مۇداپىئەسى بويىچە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسىدىكى جۇڭگوغا ئالاقىدار پاسسىپ مەزمۇنلارنى دەرھال چىقىرىۋېتىشكە دەۋەت قىلدى

2018.07.26 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 25-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ 2019-مالىيە يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى بويىچە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسىدىكى جۇڭگوغا چېتىلىدىغان ئالاقىدار ماددىلىرىغا نىسبەتەن كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئامېرىكا تەرەپنى ئالاقىدار پاسسىپ مەزمۇنلارنى دەرھال چىقىرىۋېتىشكە دەۋەت قىلىدۇ.

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەر قىلىنىشىچە، 23-ئىيۇل، ئامېرىكا پارلامېنتى 2019-مالىيە يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى بويىچە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن مەزمۇنلار جۇڭگوغا چېتىلىدىكەن، جۈملىدىن ئامېرىكا ۋە تەيۋەننىڭ مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى «قاتتىق قول ھەرىكىتى»نى تەتقىق قىلىش قاتارلىقلار. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ يۇقىرىقى قانۇن لايىھەسىنىڭ جۇڭگوغا ئالاقىدار ماددىلىرىغا نىسبەتەن كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ھەمدە مۇشۇ ھەقتە كۆپ قېتىم ئامېرىكا تەرەپكە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر ئالاقىدار مەزمۇنلار ماقۇللىنىپ، قانۇن ئىجرا قىلىنسا، جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىشىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقى ھەمدە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچ، مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. گېڭ شۇاڭ: «بىز ئامېرىكا تەرەپنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە تىنچسىزلىق تىركىشىشىدىن ئىبارەت ۋاقتى ئۆتكەن قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئالاقىدار پاسسىپ مەزمۇنلارنى دەرھال چىقىرىۋېتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشىغا كاشىلا قىلماي، بەلكى ئۇنى قوغداشقا دەۋەت قىلىمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر