باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى

2018.07.26 15:59   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25- ئىيۇل تەكلىپكە بىنائەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھانىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە «دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تارىخنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكلەپ، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، كۆپ تەرەپلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ سەندتون خەلقئارا يىغىن مەركىزىگە يېتىپ كەلگەندە، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە يىغىن زالىغا كىردى. قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېسەك ئالتۇن مېخانىزمىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتى − دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا ئەندىزە ئۆزگىرىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. بىرىنچى 10 يىلدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم جانلىنىشى ھەمدە ئېشىش يولىغا قايتىشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە. يېڭىدىن گۈللەنگەن كەڭ بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ دۇنيا ھەم پۇرسەتكە تولغان، ھەم خىرىسمۇ مەۋجۇت. بىز خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشچان بولۇۋاتقان تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى پىلانلاپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىدىكى تارىخىي جەرياندا ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىل»دا يېڭى سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەلگۈسى 10 يىل − دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىدىكى ئاچقۇچلۇق 10 يىل، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە كۈچلەر سېلىشتۇرمىسىدا تېز ئۆزگىرىش بولىدىغان 10 يىل، دۇنيانى تۈزەش سىستېمىسى قايتىدىن چوڭقۇر بەرپا قىلىنىدىغان 10 يىل بولىدۇ. مەن كېسەك ئالتۇن دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىللە، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ يوھانىسبۇرگتىن قايتا يولغا چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، خىرىسنى يېڭىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىجابىي رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بىرىنچى، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد قۇرۇشىمىز لازىم. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى قەتئىي قۇرۇپ، بىر تەرەپلىمىلىك ۋە قورۇقچىلىققا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا ئورتاق يېتەكلىشىمىز كېرەك. گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا كەسىپلەر ئىش تەقسىماتىغا ئۈنۈملۈك قاتنىشىشىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىيلىشىشىنىڭ پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورنىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش، ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىدىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىدىن چىقىش قىلىپ، 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. خەلقئارالىق تەرەققىيات، ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىقىنى تىرىشىپ جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مەملىكەت بويىچە تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، باشلان…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بەش خىل ناچار ئادەتكە قارىتا ھە دېگەندە ماقۇل دەۋەرمەسلىك كېرەك
    ·22-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2-قېتىملىق ئارزۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق مېيىپلارنىڭ كەسپىي تەربىيەنى قۇبۇل قىلىش پۇرسىتىنى ئۈزلۈكس…
    ·ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلار سانى 37 مىليون 790 مىڭ كىشىگە يەتتى
    ·ئېلىمىز پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكس…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى سودىسى قىلىش، ۋاكالىتەن يېزىپ ب…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلىلەرنىڭ «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەپ بىر تەرەپ قىلىدۇ
    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپى دۇنيا قۇرۇلۇش مائارىپى «بىرىنچى سەپ» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىدىن…