باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلىپ، قار ئېرىش خاراكتېرىدىكى كەلكۈن كېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتىلدى

2018.07.27 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭدا يېقىندىن بۇيان، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى ئۈزلۈكسىز كۆرۈلمەكتە، بىر قىسىم جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى 45 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقتى. ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن 14 قېتىم يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلدى، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە تېمپېراتۇرا يەنە داۋاملىق ئۆرلىشى مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەر تاغلىق رايونلاردىكى قار ئېرىش ھەمدە يانداشما گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتتى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئىراندىن سۈرۈلگەن سۇپتروپىك بەلباغ يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇسنىڭ يۇقىرىسىدا بولىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭدىكى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 45 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ بارىدىكەن.

  شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى دۇ شىنيىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سۈنئىي ھەمراھ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇدا داۋاملاشقان يۇقىرى تېمپېراتۇرا تاغلىق رايوننىڭ ئېگىزلىك قاتلىمىدىكى مۇزلۇقنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىتىپ، ئېگىز تاغلاردىكى قار-مۇزلارنىڭ ئېرىشىنى تېزلىتىپ، قار-مۇز ئېرىش ۋە قارا يامغۇر يېغىش خاراكتېرلىك كەلكۈن كېلىش ۋە ئېگىز تاغدىكى مۇز كۆلىنىڭ يار ئېلىپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، شۇڭا تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم ئىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر شىنجاڭدا ئۈزۈم، قوغۇن قاتارلىق مېۋە-چېۋىلەرنىڭ پىشىش ياكى ھوسۇل ئېلىش مەزگىلى بولغاچقا، ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى مېۋىلەرگە كۆيۈك كېسىلى ئېلىپ كېلىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدا ئېتىز-ئېرىق باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ مېۋىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى تۆۋەنلىتىش، سۇغىرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، باغلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش لازىم ئىكەن.

  جايلارنىڭ ئورمان، ئوتلاق، شەھەرلەرنىڭ ئوتتىن ۋە ئىسسىقتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى تەلەپ قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر