باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: بەش چوڭ نۇقتىلىق ۋەزىپە ئارقىلىق بېيجىڭ، تيەنجىن ۋە خېبېينى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2018.07.27 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى سۇڭ لياڭ 26- ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، بېيجىڭ، تيەنجىن ۋە خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىدا قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىرىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن ۋە خېبېينى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بەش چوڭ ۋەزىپىنى نۇقتىلىق تاماملاش كېرەك.

  2018- يىلى بېيجىڭ، تيەنجىن ۋە خېبېينى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇنبىرى 26- ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى. سۇڭ لياڭنىڭ مۇنبەر يىغىنىدا تونۇشتۇرۇشىچە: بىرىنچىسى، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسى پائال، مۇقىم ۋە تەرتىپلىك ھالدا تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، بېيجىڭ شەھىرى يېڭىدىن كۆپەيگەن كەسىپلەرنى چەكلەش مۇندەرىجىسىنى قاتتىق يولغا قويۇپ، رايونلۇق توپ سېتىش بازارلىرى، ئادەتتىكى ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنى، بولۇپمۇ يۇقىرى سەرپىياتلىق كەسىپلەر، قىسمەن مائارىپ، داۋالاش ۋە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئاپپاراتلار ۋە قىسمەن مەمۇرىي خاراكتېرلىك ئاپپاراتلار، كەسپىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ باش ئىشتابى تەرتىپلىك ھالدا تارقاقلاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  ئىككىنچىسى، يۇقىرى پەللە، پىلان ۋە ئۆلچەم بويىچە، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇش. شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم يىرىك پىلان يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋە شارائىت پىشىپ يېتىلگەن جايلارنىڭ رېلىسلىق قاتناش، سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى تاللاپ بالدۇرراق ئىش باشلاش كېرەك.

  ئۈچىنچىسى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىدىكى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ھالدا ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەمۇرىيەت ئاپپاراتلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىگە كۆچۈرۈلۈشىنى مۇقىم ۋە تەرتىپلىك ھالدا ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى ۋە لاڭفاڭ قاتارلىق شىمالدىكى ئۈچ ناھىيەنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچىسى، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش. بېيجىڭ، تيەنجىن ۋە خېبېي رايونلىرىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ سەرخىللاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىشنى گازغا ئۆزگەرتىش ۋە كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىشنى ئېلېكتىرگە ئۆزگەرتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پائال پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئازايتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشتىكى بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  بەشىنچىسى، قاتناشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش. شيۇڭئەن يېڭى رايونى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى ۋەبېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىكى شەھەر توپى پۈتۈن بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، تېز، ئەپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر، چوڭ سىغىملىق، تۆۋەن تەننەرخلىق ئىستېرېئولۇق ۋە تورلاشتۇرۇلغان قاتناش تورىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، بىرلىككە كەلگەن ۋە ئېچىۋېتىلگەن رايون تىرانسپورت بازىرى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن ۋە خېبېي رايونلىرىنىڭ قاتناشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر