باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى مۇھىت مەمۇرىي جازا جەرىمانە-مۇسادىرە سوممىسى 5 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتتى

2018.07.26 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى 25-ئىيۇل ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلارنىڭ 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى مۇھىتقا دائىر مەمۇرىي جازا دېلولىرى مۇھىت ئاسراش قانۇنى يۈرۈشلەشكەن چارىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى: 1-ئايدىن 6- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە مۇھىتقا دائىر مەمۇرىي جازا دېلولىرىغا جەمئىي 72 مىڭ 192 پارچە جازا قارارنامىسى چۈشۈرۈلدى، جەرىمانە-مۇسادىرە سوممىسى 5 مىليارد 850 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

  مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلغان بەش تۈرلۈك دېلولارنىڭ ئومۇمىي سانى 19 مىڭ 303 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.4 ئاشقان. كۈن ھېسابلاپ ئۇدا جازالانغان دېلو 420 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئازايغان، جەرىمانە سوممىسى 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.7 ئاشقان؛ پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان دېلولار 10 مىڭ 212 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.2 ئاشقان؛ ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇلغان، ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغان دېلولار 3589 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئازايغان؛ مەمۇرىي توختىتىپ قويۇشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن دېلولار 3699 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئازايغان؛ مۇھىت بۇلغاش جىنايىتىگە چېتىشلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن دېلولار 1383 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشقان.

  دېلو سانى نىسبەتەن كۆپرەك بولغىنى جياڭسۇ، گۇاڭدوڭ، ئەنخۇي، جېجياڭ، فۇجيەن، شەنشى، خېنەندىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە بولۇپ، چۇڭچىڭ، گۇاڭشى، خېبېي، نىڭشيا، خەينەن قاتارلىق بەش ئۆلكىدە دېلولارنىڭ سانى روشەن ئۆرلىگەن.

  6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە بارلىق ۋىلايەت-شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە «مۇھىت ئاسراش قانۇنى»نىڭ يۈرۈشلەشكەن چارىلىرىگە تەتبىقلىنىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولار كۆرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر