باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى قاتارلىق تۆت تارماق ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ مالىيە تولۇقلىما ئۆلچىمى كىشى بېشىغا يېڭىدىن 40 يۈەن قوشۇلىدۇ

2018.07.26 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىشىپ «2018-يىلى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2018-يىلى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. «ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، ئالدى بىلەن 2018-يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش» خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 2018-يىللىق شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ھەر دەرىجىلىك مالىيەدىن ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلۈپ، كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە 40 يۈەن كۆپەيتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمى ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىغا ئىشلىتىلىدۇ. «ئۇقتۇرۇش»تا، 2018-يىلى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مالىيە ياردەم پۇلى ۋە شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى ماس قەدەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ھەر دەرىجىلىك مالىيەنىڭ كىشى بېشىغا بېرىدىغان ياردىمى 2017-يىلىدىكى ئۆلچەم ئاساسىدا يېڭىدىن 40 يۈەن ئاشۇرۇلۇپ، ھەر بىر كىشىگە يىلىغا 490 يۈەندىن ئاز بولمايدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا، 2019-يىلى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە بىرلىككە كەلگەن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، دۆلەت قاتلىمىنىڭ تۇنجى قېتىم شەھەر- يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش نۇقتىسىدىن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، دۆلەت داۋالاش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى بىرىكتۈرۈش ۋە ئالاقىدار تارماقلارنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا، بىرلىككە كەلگەن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامرات نوپۇسنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يەرلىكنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىپ توپلانغان مەبلەغنى ياخشى ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر