باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئالاقىدار چەت ئەل ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تور بېكىتىدىكى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە چېتىشلىق ئۇچۇرلارنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2018.07.27 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى 26-ئىيۇل ئالاقىدار چەت ئەل ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تور بېكىتىدىكى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە چېتىشلىق ئۇچۇرلارنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: 7-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە، ۋەقەگە چېتىشلىق 44 چەت ئەل ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى تۈزەش ئېلىپ باردى، بۇنىڭ ئىچىدە 40 شىركەت تۈزەشنى تاماملاپ بولدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئالاقىدار چەت ئەل ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىپ، ۋاقتىدا تۈزەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاۋىياتسىيە شىركىتى، ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، ئامېرىكا دېلتا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، ئامېرىكا ھاۋاي ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتارلىق تۆت ئاۋىياتسىيە شىركىتى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىغا تۈزىتىش دوكلاتى تاپشۇرۇپ، تۈزىتىش مەزمۇنلىرىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن تورغا چىقىرىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بۇ شىركەتلەرنىڭ ئورگان تورىنى تەكشۈرۈشىنى ئۆتۈندى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئورگان تور بېكەتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن تۈزىتىش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقى، لېكىن تۈزىتىش مەزمۇنلىرىنىڭ تېخى تولۇق ئەمەسلىكى بايقالدى. خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ئەھۋالغا قاراپ مۇناسىپ خەلق ئاۋىياتسىيەسى باشقۇرۇش تەرتىپىنى قوزغىتىش-قوزغاتماسلىقنى قارار قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر