باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «ئۇقتۇرۇش» تارقىتىپ، دېڭىز ساھىلىدىكى سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، دېڭىز ساھىلىنى قورشىۋېلىش ۋە تىندۇرۇشتەك قىلمىشلارنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش كېرەك، دېدى

2018.07.26 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن «دېڭىز ساھىلىدىكى سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، دېڭىز ساھىلىنى تىندۇرۇشتەك قىلمىشلارنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق دېيىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ۋە پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىللىق دېمەك بايلىق دېمەكتۇر، ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە ۋە يېشىل تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دېڭىزنى تىندۇرۇپ قۇرۇقلۇق ھاسىل قىلىشتەك كونا خىزمەت ئۇسۇلىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆزگەرتىپ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دېڭىز-ئوكيان بايلىقىنى قاتتىق قوغداش، ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. دېڭىز ساھىلىدىكى سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دېڭىز ساھىلىنى تىندۇرۇش قىلمىشلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش پائالىيىتى بولسا، دېڭىز-ئوكياننىڭ ئېكولوگىيەلىك قوغداش قىزىل سىزىقىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، دېڭىز-ئوكياننىڭ ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق؛ دۆلەت زېمىن بايلىقى بوشلۇقىنى ئېچىش ۋە قوغداشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا ۋە دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق؛ دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. «ئۇقتۇرۇش»تا تۆت جەھەتتىكى سىياسەت ۋە تەلەپلەر نۇقتىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:

  بىرىنچىسى، يېڭىدىن دېڭىزنى تىندۇرۇپ قۇرۇقلۇق ھاسىل قىلىشنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچىسى، دېڭىز ساھىلىنى تىندۇرۇشتىكى تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچىسى، دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچىسى، دېڭىز ساھىلىدىكى سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش ۋە دېڭىز ئەتراپىنى تىندۇرۇشنى باشقۇرۇش-كونترول قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر