باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى(1)

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىل»دىكى گۈزەل ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2018.07.27 15:39   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇچرىشىشى 26-ئىيۇل جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ئۇچرىشىشقا قاتناشتى. بەش دۆلەت رەھبىرى «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئافرىقىدا: 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى داۋامىدا سىغدۇرۇشچان ئېشىش ۋە ئورتاق گۈللىنىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنەيلى» ئاساسىي تېمىسىدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارالىق مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  شى جىنپىڭ «گۈزەل كېلەچەكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى سانائەت ئىنقىلابىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئېچىپ بېرىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈستىدە تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 18-ئەسىردىن بۇيانقى ئۈچ قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدىكى پارتلاش خاراكتېرلىك پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئازاد قىلىپ ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرمەكتىمىز. يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى كەسىپلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىنىپ، چوڭقۇر سىڭىشمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق، قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلىرى ۋە رايون سىياسىي توقۇنۇشى، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپلىمىلىك قاراش يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تاشقى مۇھىتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەكتە.

  شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تارىخىي يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچ چاقلىق قوزغاتقۇچ» ھەمكارلىق رامكىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىل»دىكى گۈزەل ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مەملىكەت بويىچە تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، باشلان…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بەش خىل ناچار ئادەتكە قارىتا ھە دېگەندە ماقۇل دەۋەرمەسلىك كېرەك
    ·22-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2-قېتىملىق ئارزۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق مېيىپلارنىڭ كەسپىي تەربىيەنى قۇبۇل قىلىش پۇرسىتىنى ئۈزلۈكس…
    ·ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلار سانى 37 مىليون 790 مىڭ كىشىگە يەتتى
    ·ئېلىمىز پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكس…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى سودىسى قىلىش، ۋاكالىتەن يېزىپ ب…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلىلەرنىڭ «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەپ بىر تەرەپ قىلىدۇ
    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپى دۇنيا قۇرۇلۇش مائارىپى «بىرىنچى سەپ» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىدىن…