باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا «مەملىكەتلىك دېموكراتىك–قانۇنچىل ئۈلگىلىك كەنت(مەھەللە)»تىن يەنە 14 ى كۆپەيدى

2018.07.30 16:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن، پىراكتىكانت گاۋ تيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاپتونوم رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا شىنجاڭدىكى 14 كەنت(مەھەللە) 7–تۈركۈمدە «مەملىكەتلىك دېموكراتىك – قانۇنچىل ئۈلگىلىك كەنت(مەھەللە)» شەرىپىگە ئېرىشىپ، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەقدىرلەنگەن.

  بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن 14 كەنت(مەھەللە) تۆۋەندىكىچە: غۇلجا شەھىرىنىڭ دۆڭ مەھەللە كوچا باشقارمىسى دۆڭ مەھەللە مەھەللىسى، چۆچەك شەھىرىنىڭ قاراقاباق يېزىسى ليۇچۇەن كەنتى، قابا ناھىيەسىنىڭ سارتام يېزىسى ماخۇ كەنتى، قاراماي شەھىرىنىڭ قاراماي رايونى كوئېنلۇن يولى كوچا باشقارمىسى يادىيەننا مەھەللىسى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى دېھقانچىلىق 15–ئەترىتى، ماناس ناھىيەسىنىڭ لوتۇيى بازىرى جىڭجياجۇاڭ كەنتى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ئەنەنچۈي بازىرى خېشى كەنتى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ باركۆل بازىرى دۇڭچېڭ يېڭى رايونى مەھەللىسى، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ توقسۇن بازىرى يۈچۈەن مەھەللىسى، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ خېجىڭ بازىرى شەرقىي ئىتتىپاق يولى مەھەللىسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى قورغان كەنتى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ ئۇلۇغچات يېزىسى قىزىل كۆۋرۈك كەنتى، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ بايئاۋات يېزىسى يۇقىرى قالما كەنتى، لوپ ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسى ھەرەمباغ كەنتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار دېموكراتىك–قانۇنچىل ئۈلگىلىك كەنت (مەھەللە) بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، دېموكراتىك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرگەچكە، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ئىناق تەرەققىي قىلىپ، يېزا ئاساسىي قاتلىمىنىڭ دېموكراتىيە–قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، زور بىر تۈركۈم ئىلغار ئورۇنلار بارلىققا كەلدى. 2004–يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭدا جەمئىي 70 كەنت(مەھەللە) «مەملىكەتلىك دېموكراتىك–قانۇنچىل ئۈلگىلىك كەنت(مەھەللە)» شەرىپىگە ئېرىشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر