باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى خۇاخەي دورىگەرلىكىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋالسارتان خام ئەشيا دورىلىرىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.07.30 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 29- ئىيۇل، جېجياڭ خۇاخەي دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى (خۇاخەي دورىگەرلىكى دەپ قىسقارتىلىدۇ)نىڭ ۋالسارتان خام ئەشيا دورىلىرىدىن مىكرو مىقداردىكى N- نىتروزو دىمېتىل ئامىن ئارىلاشما ماددىلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى: 7- ئاينىڭ 6-كۈنى، خۇاخەي دورىگەرلىكى ئېكسپورت قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ۋالسارتان خام ئەشيا دورىلىرىدىن مىكرو مىقداردىكى N-نىتروزو دىمېتىل ئامىن ئارىلاشما ماددىلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققانلىقىنى دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىغا دوكلات قىلىپ، ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە تەلەپ بويىچە، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەمئىيەتكە ئاشكارىلىدى. خۇاخەي دورىگەرلىكى بۇ ئارىلاشما ماددىلارنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، بارلىق ۋالسارتان خام ئەشيا دورىلىرىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارغا تارقىتىشنى ۋاقىتلىق توختاتتى ھەمدە ئاكتىپلىق بىلەن قايتۇرۇپ كېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. 7-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە، خۇاخەي دورىگەرلىكى دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق خام ئەشيا دورىلىرىنى يىغىۋېلىش خىزمىتىنى تاماملىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر