باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇس تۈركىيەدە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىدى

2018.07.30 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە ئىزمىردا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 29-ئىيۇل سائەت 10 ئەتراپىدا، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇس تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئانتاليە ئۆلكىسىدە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، ئاپتوموبىلدىكى 31 جۇڭگولۇق ساياھەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 33 ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ساياھەت ئاپتوبۇسى ئەينى چاغدا ئانتاليە ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى ئانتالىيە شەھىرىدىن تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى كاپپادوسىيەگە ماڭغان بولۇپ، بۇ ئۆلكىنىڭ ئاقسەكى بازىرىدا ئالدى تەرەپتىن كەلگەن ئىككى ماشىنا بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن ھەمدە ئۆرۈلۈپ كەتكەن. ئاپتوبۇستا جەمئىي 33 ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 31 ساياھەتچى جۇڭگولۇق، يەنە ئىككى ئادەم شۇ جايدىكى شوپۇر ۋە ساياھەت يېتەكچىسى ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسى شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا داۋالىنىشقا ئاپىرىلغان، بىر ئايال ساياھەتچىنىڭ يارىسى نۆۋەتتە خېلىلا ئېغىر ئىكەن. ۋەقەدە باشقا ئاپتوموبىلدىكى تۈركىيەلىك ئىككى پۇقرا قازا قىلغان.

  جۇڭگونىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسى ۋە ئىزمىردا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى كونسۇل قوغداش تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەرھال كونسۇل جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويغان. نۆۋەتتە، باش كونسۇلخانىنىڭ كونسۇل قوغداش ئالاقە خادىمى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرماقتا ئىكەن. ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر