باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ بىلەن ئىچكى موڭغۇل ئارا كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى بويىچە 10 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى

كېلىشىمنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 34 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

2018.07.30 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرىدىكى توققۇز كارخانا يېقىندا ئىچكى موڭغۇلدىكى ئالاقىدار قوشۇنلار، شەھەرلەر ۋە ئورۇنلار بىلەن كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى بويىچە 10 تۈرلۈك كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشتى. كېلىشىمدىكى بۇ مەبلەغلەر ئىچكى موڭغۇلدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق راسچوت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى، ھەمدە يېڭىدىن بەرپا قىلىنىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئامبارنىڭ ۋە ئەشيا ئوبوروتى بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا سەرپ قىلىنىدىكەن. كېلىشىم سوممىسى 34 مىليارد يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، بېيجىڭ بىلەن ئىچكى موڭغۇلنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

  نۆۋەتتە، بېيجىڭ شەھىرىدە 251 كارخانا پائال تۈردە كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ۋە «تۈمەن كارخانا تۈمەن كەنتكە ياردەم بېرىش»ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە قاتنىشىپ، ئىچكى موڭغۇلدىكى 31 نامرات ناھىيەنىڭ 260قا يېقىن ئېغىر دەرىجىدىكى نامرات كەنتلىرى بىلەن قوشماق بولۇش دائىرىسى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ ئىچكى موڭغۇلدىكى نامرات ناھىيەلەرگە يۈزلەنگەن 18 مەيدان چوڭ تىپتىكى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، 157 كارخانا 3000دىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر