باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا: تۇنجى تۈركۈمدىكى جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ نوپۇسىنى يىل ئىچىدە ئالدۇرۇشقا بولىدۇ

2018.07.27 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر تۈنۈگۈن (26- ئىيۇل) شەھەرلىك 15- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدىكى جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ نوپۇسىنى يىل ئىچىدە نوپۇسقا ئالدۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىلىدىكەن. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل، بېيجىڭدا جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، تۇنجى تۈركۈمدىكى جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن نوپۇسقا ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بېرىدىكەن. ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە، بۇ يىل دېھقانلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، شەھەرلەرنىڭ جامائەت مۇلازىمەت تۈرىدىكى ئىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 40 مىڭ نەپەر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاماملايدىكەن.

  كېيىنكى يېرىم يىلدا بىرلىككە كەلگەن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يەنە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى بىلەن دوختۇرغا كۆرۈنۈش ۋە ئەمەلىي ۋاقىتتا راسچوت قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سودا سۇغۇرتىسىنى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىنىدىكەن.

  ئۇندىن باشقا، يەنە ئۆيدە داۋالاپ پەرۋىش قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ باھاسىنى تەڭشەپ، داۋالاش-پەرۋىش قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمەت بېكىتى قۇرۇلۇشىدىن 150 تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى تېزلىتىپ، كۈتۈنۈش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر