باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى ئاجرىتىپ بەرگەن پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت ياردەم مەبلىغىدىكى سەككىز مىليارد 905 مىليون يۈەننىڭ ھەممىسى چۈشۈرۈلۈپ بولدى

2018.07.27 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەز مالىيەسى چۈشۈرۈپ بەرگەن پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت ياردەم مەبلىغى ئىككى مىليارد 953 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئۇنىڭغا يەنە 2017- يىلى 10- ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ بەرگەن بەش مىليارد 952 مىليون يۈەننى قوشقاندا، 2018- يىلى پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت ياردەم مەبلىغىدىكى سەككىز مىليارد 905 مىليون يۈەننىڭ ھەممىسى چۈشۈرۈلۈپ بولدى. بۇ ياردەم مەبلىغى ئاساسلىقى يېزىلاردىكى قىسمەن پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىلىرىنى مۇكاپاتلاش ۋە يۆلەش تۈزۈمى ياردەم پۇلى، پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىلىرىگە ئالاھىدە ياردەم بېرىش تۈزۈمى ياردەم پۇلى ۋە پىلانلىق تۇغۇتتا «ئاز تۇغۇپ، تېز بېيىش» قۇرۇلۇشى ياردەم پۇلى قاتارلىق جەھەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

  خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ياردەم مەبلىغى تەقسىم قىلىنغاندا ئۈنۈمنى باھالاش نەتىجىسىنى مۇھىم ئامىل قىلىپ، باھالاش نەتىجىسى ئارقىدا قالغان ئۆلكىلەرگە بېرىلىدىغان ياردەم مەبلىغىنى مۇۋاپىق ھالدا تۇتۇپ قېلىپ، مۇكاپات باھالاش نەتىجىسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان ئۆلكىلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر