باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش مىنىستىرلىقى: ماشىنا توسۇش تەس بولۇش مەسىلىسىنى قانۇنسىز تىجارەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولمايدۇ

2018.07.27 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يازلىق تەتىل كىرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ، چىڭداۋ ۋە جېڭجۇ قاتارلىق جايلاردا دائىم ماشىنا توسۇش تەس بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، ماشىنا كېلىشىش سۇپىسىدا دائىم «يېقىن ئەتراپتا ھېچقانداق ماشىنا يوق»دەپ كۆرسىتىلگەن. نېمىشقا توردا ماشىنا كېلىشىش تەس بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؟ پات-پات يامغۇر يېغىش دېگەندەك ئامىللاردىن باشقا، بەزىلەر بۇنى يەرلىكلەر قانات يايدۇرغان سۈپەت-ساپادا مەسىلە ئېغىر بولغان تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ توردا كېلىشىدىغان ماشىنىلارنى تۈزەش ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىغان.

  بۇ خىل ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چۈنگېڭ 26- ئىيۇل قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ 7- ئايدا ئاچقان رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ جەھەتتە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەرگىزمۇ توردا ماشىنا كېلىشىش سۇپىسىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش ئەمەس، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا، قانۇنسىز تىجارەت قىلىدىغان تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى بازاردىن تازىلاپ چىقىرىۋېتىشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ماشىنا توسۇش تەس بولۇش مەسىلىسىنى قانۇنسىز تىجارەت ئارقىلىق پەسەيتكىلى بولمايدۇ. دېمەك، ماشىنا توسۇش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا قانۇنسىز تىجارەت تىرانسپورتىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكىب كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ئاممىۋى قاتناشنىڭ تەرەققىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش ۋە تاكسىلارنى بۆلۈنمە ۋاقىتلىق ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىر ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك.

  ئەمەلىيەتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن تاكسىلار ئىسلاھاتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بۇ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئىككى يىل بۇرۇنلا، مەركەز قاتلىمىدىن ئىسلاھات ھۆججىتى چۈشۈرۈلۈپ، تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان. نۆۋەتتە ھەر قايسى جايلاردا توردا ماشىنا كېلىشىش ئىشى ۋەكىللىكىدىكى تاكسىلار ئىسلاھاتى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەرتىپلىك ھالدا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەر چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ چىقىلىپ، بازارلار تەدرىجىي قېلىپلاشتۇرۇلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر