باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى

2018.07.27 15:35   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26- ئىيۇل جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگ شەھىرىدە تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى پائال ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو تەرەپ تۈركىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىغا يېڭى ھالەت، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مەن بىلەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشلارنى ئەمەلىي نەتىجىلەرگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر- بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان چوڭ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بىخەتەرلىك، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. تۈركىيە تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشتىكى تەبىئىي ھەمراھ. ئىككى تەرەپ مۇھىم ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-تۈركىيە ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشتىكى دەسلەپكى ھاسىلاتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇھىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلىتى. جۇڭگو تەرەپ تۈركىيە بىلەن «كېسەك ئالتۇن +» ئەندىزىسى ئارقىلىق ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئەردوغان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. تۈركىيە جۇڭگو بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. بۇ، رايون تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق. تۈركىيە تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش ھەمكارلىقىنى قوللايدۇ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئەركىن سودىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مەملىكەت بويىچە تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، باشلان…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بەش خىل ناچار ئادەتكە قارىتا ھە دېگەندە ماقۇل دەۋەرمەسلىك كېرەك
    ·22-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2-قېتىملىق ئارزۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق مېيىپلارنىڭ كەسپىي تەربىيەنى قۇبۇل قىلىش پۇرسىتىنى ئۈزلۈكس…
    ·ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلار سانى 37 مىليون 790 مىڭ كىشىگە يەتتى
    ·ئېلىمىز پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكس…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى سودىسى قىلىش، ۋاكالىتەن يېزىپ ب…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلىلەرنىڭ «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەپ بىر تەرەپ قىلىدۇ
    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپى دۇنيا قۇرۇلۇش مائارىپى «بىرىنچى سەپ» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىدىن…