خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «2018-يىللىق خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى» مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكى قوماندانلىرىنىڭ مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنى كورلا شەھىرىدە ئېچىلدى. جۇڭگو، بېلورۇسىيە، مىسىر، ئىران، قازاقىستان، پاكىستان، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، ۋېنېسۇئېلا، زىمبابۋېدىن ئىبارەت 10 دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قوماندانى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۆز دۆلىتى كوماندىسىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قوماندانى گېنېرال مايور يې جيەنجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدە جەمئىي 70 ئادەم بار، ئاساسلىقى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ۋە جەنۇبىي ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرىدىن كەلگەن، ئوتتۇرىچە يېشى 26 ياش. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى تولىمۇ ياخشى بىر ئالاقە سەھنىسى بولۇپ، ئۆزئارا رىقابەتلىشىش، ئۆزئارا ئالاقە قىلىش ئارقىلىق، ئورتاق ئىلگىرىلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئالدىنقى مەزگىللىك جاپالىق مەشىق ئارقىلىق، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ھەر قايسى دۆلەت كوماندا ئەزالىرى چوقۇم ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كوماندىرى گېنېرال لېنزوف مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى» مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئىشلار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ يىل جەمئىي تۆت تۈر جۇڭگودا ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ تۈرنى جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالدىنقى تەييارلىقىغا كۆپ رەھمىتىمىزنىڭ بىلدۈرىمىز، كەلگۈسىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر سانى ۋە مۇسابىقە تۈرىنى ئاشۇرۇپ، تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈمىدىمىز بار.»
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە 7-ئاينىڭ 29-كۈنى باشلىنىپ، 8-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى