باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 ناھىيە(شەھەر،رايون)دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتتى

2018.07.30 16:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2017–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 68 ناھىيە(شەھەر، رايون)نىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ بېكىتىشىدىن، 56 ناھىيە(شەھەر، رايون) دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل پىلانلاپ يولغا قويۇلغان 13 ناھىيە(شەھەر، رايون) ئاپتونوم رايوننىڭ تەپتىش قىلىشى، باھالىشى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكەن، پات ئارىدا دۆلەت نەق مەيداندا تەپتىش قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاپ بېكىتىشىنى قوبۇل قىلىدىكەن. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە 42 ناھىيە(شەھەر، رايون) چوقۇم 2018–يىلىدىن 2020–يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە دۆلەتنىڭ باھالاپ بېكىتىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 26سى بولۇپ، %61.9نى ئىگىلەيدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە ئىچىدە 19ى بولۇپ، %86.4نى ئىگىلەيدىكەن.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جايلار، تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ھۆددىگە ئېلىش، ئالاقىلىشىش، يېتەكچىلىك قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىشى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تەپتىشلىكى ئىشخانىسى 29 ناھىيە، شەھەرگە مۇددەتتىن بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە بالدۇر كىرىپ تەپتىش قىلىشى؛ ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى؛ ناھىيە(شەھەر، رايون)لەر دائىرە بويىچە ھۆددىگە ئېلىپ ئىشلەش تۈزۈمى ئورنىتىپ، مەكتەپلەرگىچە كۆرسەتكۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرىجىمۇدەرىجە بېسىم چۈشۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئۆلچەمگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مائارىپ سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىش، مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشى ۋە كۆلىمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دېگەن تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، 2020–يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلان نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر