خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تومۇزدىكى چەكسىز كەتكەن يايلاقتا ئاسمان كۆپكۆك كۆرۈنەتتى، قىزىق جەڭگاھتا جەڭ بۇرغىسى چېلىندى. 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى» كورلىدا باشلاندى.
10 دۆلەتتىن كەلگەن 471 رېپىر ۋە 358 ئوفېتسېر-ئەسكەر باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ئويۇن كۆرسىتىشكە قاتناشتى، ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىن بولۇپ 15 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن نەق مەيداندا ئويۇن كۆردى.
ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى»نىڭ ئورۇنلىنىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلگەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، باشلىنىش مۇراسىمى ئويۇنى ئورۇندىلىشقا باشلىدى. «جەڭ مەيدانىدىكى ئەسكەرلەر»، «كۈچ ۋە گۈزەللىك»، «يىپەك يولىدا ئېقىش»، «يېقىملىق ناخشىمىز بىلەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىمىز»، «شان - شەرەپ قۇچۇش» قاتارلىق قويۇق جۇڭگوچە ۋە ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادەت پۇرىقىغا ئىگە سەنئەت نومۇرلىرى نۆۋەتلىشىپ ئورۇندالدى. رۇسىيەدىن كەلگەن ئارتىسلارمۇ تاماشىبىنلارغا كىلاسسىك مۇزىكا «دولانا دەرىخى»نى سۇندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى