باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ ھەپتە ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ غەربى قىسمىدا ھاۋا بەزىدە بۇلۇتلۇق، بەزىدە ئوچۇق بولىدۇ، شەرقىي جەنۇب قىسىمىدا كۆپرەك يامغۇر ياغىدۇ

2018.07.31 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ ھەپتە، يامغۇرلۇق ھاۋارايى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ شەرقى، جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بىر قىسىم جايلاردا كۈچلۈك ھۆل-يېغىن كۆرۈلىدۇ.

  ئىلى ئوبلاستلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ غەربى قىسمىدا ھاۋا بەزىدە بۇلۇتلۇق، بەزىدە ئوچۇق بولىدىكەن؛ شەرقى، جەنۇبى قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئاز مىقداردا يامغۇر ياغىدىكەن، كۈنەس ناھىيەسىدە ئاز مىقداردا يامغۇر يېغىپ، كېيىن ئوتتۇراھال يامغۇرغا ئۆزگىرىدىكەن، تېمپېراتۇرا بىر ئاز تۆۋەنلەيدىكەن. 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ غەربى قىسمىدا ھاۋا بەزىدە بۇلۇتلۇق، بەزىدە ئوچۇق بولىدىكەن؛ غۇلجا ناھىيەسى، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ شەرقى، جەنۇبى قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئاز مىقداردا يامغۇر يېغىپ، كېيىن ئۆتكۈنچى يامغۇرغا ئۆزگىرىدىكەن. كۈنەس ناھىيەسىدە كۆپ مىقداردا يامغۇر يېغىپ، ئۆتكۈنچى يامغۇرغا ئۆزگىرىدىكەن. كۈندۈزى تېمپېراتۇرا بىر ئاز ئۆرلەيدىكەن. 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، دەريا ۋادىسىنىڭ غەربى قىسمىدا ھاۋا ئوچۇق، شەرقى، جەنۇبى قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، تۈزلەڭلىك رايونلاردا كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىدىكەن. 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئىلى دەريا ۋادىسى رايونىدا ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن، ئۈچ بالدىن تۆت بالغىچە غەرب شامىلى چىقىدىكەن، تېمپېراتۇرا 1 سېلسىيە گىرادۇستىن 3 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن.

  كەلگۈسى ئۈچ كۈن ئىچىدە، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرا ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە: 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ غەربى قىسمىدا تېمپېراتۇرا 18 سېلسىيە گىرادۇستىن 34 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، شەرقى قىسمىدا 14 سېلسىيە گىرادۇستىن 31 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، جەنۇبى قىسمىدا توققۇز سېلسىيە گىرادۇستىن 29 سېلسىيە گىرادۇسقىچە؛ 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ غەربى قىسمىدا تېمپېراتۇرا 16 سېلسىيە گىرادۇستىن 35 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، شەرقى قىسمىدا 12 سېلسىيە گىرادۇستىن 32 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، جەنۇبى قىسمىدا توققۇز سېلسىيە گىرادۇستىن 30 سېلسىيە گىرادۇسقىچە؛ 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ غەربى قىسمىدا تېمپېراتۇرا 19 سېلسىيە گىرادۇستىن 34 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، شەرقى قىسمىدا 15 سېلسىيە گىرادۇستىن 32 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، جەنۇبى قىسمىدا 12 سېلسىيە گىرادۇستىن 29 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر