باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئىنقىلاب مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى (2018-2022- يىلى)نى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكر»نى تارقاتتى

2018.07.30 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئىنقىلاب مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى (2018-2022- يىلى)نى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكر»نى تارقاتتى، ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار ۋە تارماقلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئىنقىلاب مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى (2018-2022- يىلى)نى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلاب مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىنقىلاب مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئىنقىلاب مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى ( 2018-2022 يىلى)نى يولغا قويۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  بىرىنچى، مۇھىم ئەھمىيىتى

  ئىنقىلاب مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بولسا، ئۇنىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شانلىق تارىخى مۇجەسسەملەنگەن، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگو خەلقىنىڭ باتۇرلارچە كۈرەش بىلەن سەلتەنەتلىك سەھىپىسى نامايان قىلىنغان، ھەمدە ئىنقىلاب مەدەنىيىتىنىڭ ۋاسىتىسى، كىشىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتىدىغان، مىللىي روھنى ئۇرغۇتىدىغان ئوزۇق، ھەم شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا بېسىشنىڭ كۈچ بۇلىقى ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جايلار ۋە تارماقلار مەدەنىيەت يادىكارلىقى خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنقىلاب مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئېنىقلاپ چىقتى، ئىنقىلاب مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ئەھۋالى سىجىل ياخشىلاندى، ئىنقىلاب مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى توغرىسىدا تەربىيە بېرىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا، ئىنقىلابىي يادىكارلىق بايلىقلىرىغا بىرىكتۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ئومۇميۈزلۈك قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئىنقىلابىي يادىكارلىقنىڭ قىممىتىنى قېزىپ ۋە شەرھلەپ تارقىتىپ ئومۇمىيلاشتۇرشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىنقىلابىي يادىكارلىقنى ئومۇمىيلىققا مۇلازىمەت قىلدۇرۇش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئادەم يېتىشتۈرۈش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇش بولسا، تولىمۇ جىددىي ئېھتىياجلىقتۇر. پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىدېئولوگىيە بازىسىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «تۆت ئىشەنچ»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، يېڭى دەۋر ئىنقىلاب مەدەنىيەت يادىكارلىقى خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر