باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «پىكىر» ئېلان قىلىپ، دۆلەت كاپىتال سېلىنمىسى، تىجارەت شىركەتلىرىنىڭ ئىسلاھات سىنىقىنى ئالغا سىلجىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.07.31 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن «دۆلەت كاپىتال سېلىنمىسى، تىجارەت شىركەتلىرىنىڭ ئىسلاھات سىنىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقاتتى. (تۆۋەندە قىسقارتىپ «پىكىر» دەپ ئېلىنىدۇ)

  «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كاپىتال سېلىنمىسى، تىجارەت شىركەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش، دۆلەت كاپىتالى ھوقۇق بەرگەن تىجارەت تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، دۆلەت كاپىتالىنى بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇش كېرەك. دۆلەت كاپىتالى سېلىنمىسى، تىجارەت شىركىتىنىڭ سۇپىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ تەقسىمات ئۈنۈمى ۋە تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ سىناقنى نۇقتىدا ئالدىن يولغا قويۇش ئارقىلىق نۇقتىلىق، قىيىن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىپ، كۆپەيتكىلى بولىدىغان، كېڭەيتىشكە بولىدىغان تەجرىبە ۋە ئەندىزىلەرنى تېزلىكتە شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەت كاپىتال سېلىنمىسى، تىجارەت شىركەتلىرى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كاپىتالنى باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر