باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى باشلاندى

2018.07.30 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك مېيىپلارنىڭ مەھەللىدە ۋە ئائىلىدە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى يېقىندا رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇ تۈر شەھەرلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى باشقۇرغان، ھەر قايسى رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر ھەمكارلاشقان بولۇپ، پىلان بويىچە 5000 مېيىپقا سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  بېيجىڭ شەھىرىدە ھازىر 520 نەچچە مىڭغا يېقىن ئادەمدە مېيىپلىق كىنىشكىسى بار ئىكەن، 2017- يىلى مېيىپلارنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەرىكەتلىك يېڭىلاش سىستېمىسىدا يېڭىلانغان سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 195مىڭ مېيىپ كىشى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ئىكەن. بۇ قېتىم شەھەر ۋە رايوندىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئورۇن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى 55 تۈرنى تەسىس قىلىپ، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، مۇلازىمىتى قېلىپلاشقان ھالدىكى داۋالاش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى 53 ئاپپاراتنى خېرىدار چاقىرىپ تاللاپ چىقىپ، 5000 دىن ئارتۇق مېيىپنى مەھەللە ياكى ئائىلىسىدە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، پۇت-قولى مېيىپلاردىن 3560ى، مۇقىم مەزگىللىك روھىي مېيىپلاردىن 900ى، كۆرۈش ئىقتىدارى مېيىپلاردىن 345ى، ئەقلىي مېيىپلاردىن 420سى بار ئىكەن. ئۇلار سىناق نۇقتا تۈرلىرى ئارقىلىق، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت ۋە قوغداش سىستېما قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر