خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) بۇ يىل جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 91 يىللىقى. ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى جىددىي ئىشلار پىدائىيلار فوندى قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۈەن باش ئەترىتىدە «ئارمىيە بايرىمىنى قۇتلۇقلاش، ئارمىيە، خەلق ئورتاق قۇرۇش» تېمىسىدىكى ھال سوراش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئايرىلماس رىشتىنى نامايان قىلدى.
بۇ قېتىملىق ھال سوراش پائالىيىتىنى ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى جىددىي ئىشلار پىدائىيلار فوندى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر ساھەدىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەرگە ۋاكالىتەن قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۈەن باش ئەترىتىگە 50 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى يوتقان، يۇيۇش بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىپ، قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۈەن باش ئەترىتىدىكى كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىملىق ھال سوراش پائالىيىتىدە، جۇڭگودىكى ئون داڭلىق پىدائىي، جۇڭگو پىدائىي مۇلازىمەت ئالتۇن مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، شىنجاڭ ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ناخشىچىسى شامىل شاكىر ئۆز ئىجادىيەتلىرىدىن ھەربىيلەرنى مەدھىيەلەيدىغان جەڭگىۋار ناخشا «يۈرەك سۆزۈم»، شىنجاڭنى مەدھىيەلەيدىغان «شۇنداق بىر يەر بار»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولايلى» قاتارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى قەۋەتلا خۇش قىلىۋەتتى، يەرلىكتىكىلەر بىلەن جەڭچىلەر بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئارمىيە بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۈەن باش ئەترىتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ جىچياڭ مۇنداق دېدى: ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى داڭلىق ھەربىي سەنئەتكار شامىل شاكىرنى تەكلىپ قىلىپ قىسىمدىن ھال سوراپ، كوماندىر- جەڭچىلىرىمىزگە ئاجايىپ گۈزەل ناخشىلىرىنى سوۋغا قىلدى، كوماندىر- جەڭچىلىرىمىز ئېسىل بىر ۋاخ «مەنىۋى غىزا»دىن ھۇزۇرلاندى. خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىدىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئىزچىل قىسىمغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كوماندىر-جەڭچىلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىگە، خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىدىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە ۋە داڭلىق سەنئەتكار شامىل شاكىرنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۈەن باش ئەترىتىمىزگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ۋە قوللىغانلىقىغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. بىزمۇ خەلقنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ تىگىشلىك ھەسسىمىزنى قوشىمىز.
قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۈەن باش ئەترىتىنىڭ ئەسكىرى لى شىڭبو مۇنداق دېدى: ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى بىزنىڭ قىسىمغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى، بىز بۇنىڭدىن خەلق ئاممىسىنىڭ، ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ بىزگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتۇق. بىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، شىنجاڭنى «ئىككىنچى يۇرتىمىز» دەپ بېلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشىمىز.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ھەربىي قىسىمغا بېرىپ تۈگرە تۈگۈش، ھال سوراش بۇيۇمى سوۋغا قىلىش، ساخاۋەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش كەيپىياتىنى يەنىمۇ جانلاندۇردى.
ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى پېڭ خۈيليەن مۇنداق دېدى: بىز بۈگۈن 50 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى يوتقان ۋە يۇيۇش بۇيۇملىرىنى قىسىمغا سوۋغا قىلدۇق. بىز بۇ پائالىيىتىمىزنى يەنە باشقا قىسىملاردىمۇ قانات يايدۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى قىسىملاردىكى تېخىمۇ كۆپ كوماندىر-جەڭچىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىغا ئىلھام بېرىمىز.
ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، جىددىي ئىشلار پىدائىيلار فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇمىجىت رېشىت مۇنداق دېدى: بىز شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، تىنچ-ئامانلىقى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى ئۈچۈن ھېيت-بايرام، دەم ئىلىش كۈنلىرىدىمۇ ئائىلىلىرىگە قايتماي جاپالىق خىزمەت قىلىپ، ۋەتىنىمىزنى قوغداۋاتقان ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن ھال سوراش ھەم ئۇلارغا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ بايراملىق سالىمىنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە بۈگۈنكى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بايرامدىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئۇلارنى پات-پات يوقلاپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى