باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سېنېگال جۇمھۇرىيىتى، رىۋاندا جۇمھۇرىيىتى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق تۆت دۆلەتكە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10– قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، ماۋرىتىئۇس جۇمھۇرىيىتى چېگراسىنى كېسىپ ئۆتكەچ شۇ جايدا دوستانە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

2018.07.30 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 29 – كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سېنېگال جۇمھۇرىيىتى، رىۋاندا جۇمھۇرىيىتى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق تۆت دۆلەتكە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10– قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، ماۋرىتىئۇس جۇمھۇرىيىتى چېگراسىنى كېسىپ ئۆتكەچ شۇ جايدا دوستانە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار بىر ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.

  شۇ جاي ۋاقتى 7– ئاينىڭ 28– كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ماۋرىتىئۇستىن دۆلەتكە قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى. ماۋرىتىئۇس زۇڭلىسى جاگنات ۋە رەپىقىسى كېبىتا كابىنېت ئەزالىرى بىلەن بىللە ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە رەپىقىلىرى ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا قىزغىن خوشلاشتى. شى جىنپىڭ ماۋرىتىئۇسنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ئاسىيا–ئافرىقا سەپىرىم ماۋرىتىئۇسقا قىلغان دوستانە زىيارىتىم بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، نەتىجىسى مول، ئەھمىيىتى زور بولدى، بۇ، جۇڭگو–ماۋرىتىئۇس دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى جەزمەن مۇستەھكەملەيدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ. جاگنات رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ماۋرىتىئۇسقا قىلغان زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ماۋرىتىئۇسقا ياردەم ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ھەمدە جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر