باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى كارخانىلار بىكار قويغان يەرلەردىن ھەق ئېلىنىدىغانلىقى ياكى قايتۇرۇۋېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

يەر ئىشلىتىشتىكى ئۈنۈمسىز تەستىق ھۆججەتلىرى رەتلىنىدۇ، ئىككى يىل ئىچىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىرى ئۆزلۈكىدىن كۈچىدىن قالىدۇ

2018.07.31 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى يېقىندا مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: يېزا ئىگىلىك يېرىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىش ۋە يەر ئېلىش قانۇن بويىچە تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئىككى يىل ئىچىدە ئىشلىتىلمىگەن يەرلەر ياكى يەر تۆلىمى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى يولغا قويۇلمىغان يەرلەرنىڭ ئالاقىدار تەستىق ھۆججىتى ئۆزلۈكىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىنىڭ سەۋەبىدىن تاشلىنىپ قالغان يەرلەردىن قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە يەرنى تاشلاپ قويۇش ھەققى يىغىش ياكى يەرنى قايتۇرۇۋېلىش كېرەك.

  تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «قۇرۇلۇش يېرىنى ‹كۆپەيتىش ۋە ساقلاشنى چېتىش› مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش » دەپ ئاتىلىدۇ) يەر ئىشلىتىشتىكى ئۈنۈمسىز تەستىقىي ھۆججەتلەرنى قانداق بېكىتىشكە قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق دېيىلدى: يەر تۆلىمى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى يولغا قويۇلغان، مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلان، سىياسەتنى تەڭشەش، يەر بىلەن تەمىنلەش شارائىتى ھازىرلانمىغان يەرلەرگە قارىتا شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېنىقلاشقا تەشكىللەپ، بىردەك نەقمەيداندىكى يەر تۈرى ۋە تەستىقلاشتىن بۇرۇنقى يەر تۈرى بولغانلىرىغا، ئالاقىدار يەر ئېلىش تولۇقلىما بېرىش ئىشلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قاتلاممۇ قاتلام ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا يوللاپ، يەر ئىشلىتىش تەستىق ھۆججىتىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەر مۇۋاپىق ۋاقىتتا شەھەر، ناھىيەلەرنى قانۇنلۇق ئىشلىتىشكە تەستىقلاپ بېرىلگەن يەرلەرنى ئېنىقلاشقا تەشكىللىشى، كۈچكە ئىگە بولمايدىغان يەر ئىشلىتىش تەستىق ھۆججەتلىرىنى تازىلىشى لازىم.

  كارخانا سەۋەبىدىن بولمىغان بوش قالغان يەرلەرگە قارىتا، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىش، بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن، توختامدا پۈتۈشكەن قايتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك ئەھۋال كۆرۈلمىسە، سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان بىكار قالغان يەرلەرنى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىش، ھەمكارلىشىپ ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى كەسىپ ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرگە قارىتا، «كەسىپلەرگە ئىشلىتىلىدىغان يەر سىياسىتىنى يولغا قويۇش خىزمىتى كۆرسەتمىسى» ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ يەر ئىشلىتىش سىياسىتىگە قاراپ، ئۆتكۈنچى سىياسەت تەتبىقلىنىدۇ؛ پىلان بويىچە باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەن يەرلەرگە قارىتا شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، يېڭى ئىشلىتىلىش ئورنى بويىچە ياكى يېڭىدىن پىلانلاش شەرتى بويىچە مۇناسىۋەتلىك يەر ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى قايتىدىن بېجىرىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر